ئەلەمدار: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى. .

  • مەلۇمكى دىن-ئىنساننىڭ قەلب ھۇجرىسىنىڭ پىنھانىغا يوشۇرۇنغان نۇرلۇق گۆھەردۇر.كىمىكى بىراۋنىڭ شۇ گۆھىرى بىلەن ئويناشسا ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە مۇپتىلا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.ھەر-كىمنىڭ ئوز ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادە قىلىش ھەم ئۆزىنىڭ دىنىي-كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشنى تاللىۋېلىش ھوقوقى بولىدۇ(ئەلۋەتتە ئۆز ئىدىيەسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىلىمىغان شەرت ئاستىدا).

  •  
    ئۇيغۇر - ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئېتنوگرافىيىسى ئورخۇن-يەنسەي ۋادىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بولغان، ھازىر جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسىي گەۋدىسى ياشايدىغان،قەدىمىي ئۇرخۇن مەدەنىيىتى، كىروران مەدەنىيىتى قاتارلىق بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەقدارى بولغان بۈزرۈك مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى. ئۇيغۇر خەلقى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، باشقا تۈركىي مىللەتلىرى بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ بۈيۈك تارىخىنى ياراتقان. ئەمگەكچان، تىنچلىق پەرۋەر، كەمتەر، سۆيۈملۈك ۋە گۈزەل كىشىلەردۇر. ئۇيغۇر تىلى - ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسى، ئۇيغۇر قارلۇق تىل تارمىقىغا تەۋە.ئۆزبېك تىلىغا ئەڭ يېقىن تىل. تارقىلىشى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى،قازاقىستان، ئۆزبېكىستان،قىرغىزىستان،ئافغانىستان، پاكىستان،ئېران، تۈركىيە، سەئۇدى
  • ئافغانىستاندا ئىشلار خېلى ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. يېقىندىن بىرى مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر، ئافغانىستان مەسىلىسى ۋە بۇ مەسىلىگە داخىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم تالاش - تارتىش قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. ئالدى بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا، كابۇل زىيارىتى جەريانىدا ئۇچرىغان ھۇجۇمدىن قۇتۇلۇپ قالدى. بۇ ھۇجۇمنىڭ سەل ئالدىدا، بىر نەپەر ئامېرىكىلىق ئەسكەر خۇدىنى يوقىتىپ، كۆپ ساندىكى ئافغانىستان پۇقراسىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەنىدى. بۇ ۋەقە تۈپەيلى، ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەرنىڭ لېئون پانېتتا بىلەن كۆرۈشۈشىگە قورالسىز ھالدا ئىشتىراك قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى. بۇ ئۆزگىرىش، ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يېرىم بولغانلىقىنى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتانىڭمۇ بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى؛ جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە قانچىلىك دەرىجىدە خەۋپلىك بىر ئۆتكەلگە دۇچ كېلىپ قالغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىشى جەھەتتىن ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

  • جۇڭگو ئاخبارات تورى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى،«ياپونىيە شىنخۇا گېزىتى» 22-چېسلادىكى دوكلاتىدا دېيىشىچە،ياپونىيىنىڭ فىلىپپىن ئۈچۈن تەمىنلەپ بەرگەن چارلاش كېمىسى بولسا ھەرگىز بىكارلىق ئەمەس،ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا ئەتراپ دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.ياپونىيىنىڭ بۇ قېتىم قىلغىنى بولسا ئامېرىكىغا ماسلىشىش يەنى ئاسىياغا قايتىش،جۇڭگوغا بېسىم ئېلىپ كېلىش ئىستراتېگىيىلىك پروگراممىسى ئىكەن.ياپونىيە بىر تەرەپتىن جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپكە بەرگەن ياردەم مەبلىغىنى ئازايتقان،جۇڭگوغا ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەن.ئۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىش ھەرىكىتى دېگەندەك ئېنىق ئەمەس.«ئۇرۇق تۆگىمۇ ئاتتىن يوغان»، بۇ بىر جۈملە ئەقلىيە سۆز شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى:ناھايىتى باي بولغان بىر ئائىلىدە پۇل كەملىگەن بولسىمۇ،ئەمما ئىقتىسادى جەھەتتە نامرات ئائىلىدىن ياخشى بولغان ئورۇندا تۇرىدۇ.بۈگۈنكى ياپونىيىنىڭ بولسا دۆلەت ئىقتىسادى ناچار بولغانغا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 نەچچە يىلدىن ئاشتى،ياپونىيىنىڭ شەرقى قىسمىدا قاتتىق يەر تەۋرەش بولۇپ زىيان ناھايىتى ئېغىر بولۇپ كەتكەن،ھەمدە مەركىزى ھۆكۈمەت قەرزىگە بوغۇلۇپ قالغان،ئەمما ئومۇمى ئىقتىسادى كۈچى بىلەن يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئورۇندا تۇرىدۇ.

  • بىرىڭ دىدىڭ  ئۇيغۇرنى مەدەنىيتى يوق
    يەنە بىرىڭ ئۇيغۇر ئوغرى سەن ئۇنىڭدىن قورق
    دەپ تىللايسەن مىللىتىڭنى دائىما شۇنداق
    سەن ئۆزۈڭگە قاراپ باقە !كىمسەن؟نادان،پوق

    كىچىكىڭدىن تەربىيىسىز ،يا   ئاپا  سۇتى ئەممەي
    يەسلى ياكى قوش تىل مەكتەپ باغرىدىن كەلمەي
    بىلىۋېلىپ ئازراق گەپ-سۈز ،ۋە ياكى قىلىق
    چالۋاقايسەن ماختاپ ياتنى ئاغىزىڭنى ئەتمەي.

       گەر بولسا ئۇيغۇرۇڭ قالاقسىز ناكار
       قىنى سەن تۇتقانغۇ داشۆلەرنى يار
     شۇ ئۇيغۇر ئەۋەتكەن سىنى شۇيەرگە
    ياراملىق بولۇپ كەل !.خەلقىڭ ئۇندا خار
     

  • بىرىڭ دىدىڭ  ئۇيغۇرنى مەدەنيتى يوق
    يەنە بىرىڭ ئۇيغۇر ئوغرى سەن ئۇنىڭدىن قورق
    دەپ تىللايسەن مىللىتىڭنى دائىما شۇنداق
    سەن ئۇزۇڭگە قاراپ باقە !كىمسەن؟نادان،پوق

    كىچىكىڭدىن تەربىيسىز ،يا   ئاپا  سۇتى ئەممەي
    يەسلى ياكى قوش تىل مەكتەپ باغرىدىن كەلمەي
    بىلىۋىلىپ ئازراق گەپ-سۇز ،ۋە ياكى قىلىق
    چالۋاقايسەن ماختاپ ياتنى ئاغىزىڭنى ئەتمەي.

       گەر بولسا ئۇيغۇرۇڭ قالاقسىز ناكار
       قىنى سەن تۇتقانغۇ داشۈلەرنى يار
     شۇ ئۇيغۇر ئەۋەتكەن سىنى شۇيەرگە
    ياراملىق بۇلۇپ كەل !.خەلقىىڭ ئۇندا خار

    • بۇ مارتىن لۇتىركىڭنىڭ 1963-يىلى  28-ئاۋغۇست لىنكولىن خاتىرە  سارىيى ئالدىدا  سۆزلىگەن "مىنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار" ناملىق  نۇتىقى  بولۇپ ،  تارىخىتىكى  داڭلىق  نۇتۇقلاردىن  بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ .  ئۇنىڭ  دۇنيا تېنچلىق ھەركىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە زور  بولغاچ 1964-يىللىق " نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى" غا  ئېرىشكەن .   1968-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى نېگىر كىشىلىك ھوقۇق داھىيىسى ، ئەركىنلىك جەڭچىسى مارتىن  لۇتىركىڭ ئاق تەنلىك ئېرقىي ئايرىمىچىلىرى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ،  ئۇ  شۇ  ۋاقىتتا   40 ياشتا ئىدى .
      1963- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى، مارتىن.لۇد.كىڭ ئامرىكا تارىخىدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولغان "ئەركىنلىك يۈرۈشى" ھەركىتىنى تەشكىللىگەن. ئۇ غايەت زور نېگىرلار قوشۇنىغا سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يۈرۈش قىلىپ، ئامرىكا نېگىرلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا 250مىڭ كىشىگە قىلغان "مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار" دېگەن نۇتقىدا ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش، ئىنسانىي باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش شوئار قىلىنغان. ئۇ 1964- يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 1968- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى تىنناس شىتاتىدا قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان
    • 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
      ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە خىزمەت تېپىش مەسىلىسىدۇر. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان خىزمەت جەھەتتىكى ئىستىقبالنىڭ قاراڭغۇلۇقى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانچە كىتاب ئوقۇماسلىقىغىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتىنىڭ بار-يوقلۇقى، خىزمەت بولغاندا قانداقراق خىزمەتنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ كىشىلىك تالانت – قابىلىيىتى، ئوقۇغان مەكتىپى، ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى قاتارلىقلار بىلەن دېگەندەك ئوڭ
      تاناسىپ بولمىغاچقا، نۇرغۇن ياشلار مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ھەر خىل سوئاللار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ سوئاللارغا جاۋاب چىقمايۋاتىدۇ. ئۇ سوئاللارنى كىمدىن سوراپ، نەدىن جاۋاب تېپىشنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن نۇرغۇن قېتىم ئۆزۈمنى ئاشۇ ياشلارنىڭ ئورنىغا
  • بەك پىچەتقۇ ھەي قىزچاق نەگە ماڭدىڭىز،
    يوپكىلىرىڭىز بىر غېرىچ نەدىن ئالدىڭىز،
    چاچلىرىڭىز ئەرەڭ_سەرەڭ توبادەك ئەجەب.
    سىزدە يوقمۇ شەرمى_ھايا ئەخلاق ۋە ئەدەب.
     

    نېمە دەيدۇ ما مەتۇ ! ئۆتەپ بارە ماڭ،
    سەن زاماننىڭ كەينىدىمۇ ياكى بىر ساراڭ،
    بۇ دېگەنچۇ ئەلۋەتتە مودا بىلمەمسەن،
    نوچى بولساڭ سەنمۇ قېنى بىزدەك يۈرمەمسەن .


  • پۇلغا ساتتى بەزىلەر تەننى،

    زار قاخشىتىپ ياخشىنى ئەلنى.

    ئاڭلاڭ قىزلار نەسىھەت بولسۇن،

    باشلىۋەتتىم سىلەرگە سۆزنى.


    كەلگۈسنىڭ ئانىسى قىزلار،

    بۇزۇلساڭلار دونيامۇ يىغلار.

    يىغلىمىسۇن دىسەڭلار دۇنيا،

    تىنىڭلارنى پۇلغا ساتماڭلار.


  • ئەھلۇل بەيت ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ماي ماقالىسى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسلامغا بولغان چۈشىنىشىنىڭ بەك رادىكال بولۇشى، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئىلغار ھەم ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان قىممەت قارىشىغا ماسلاشمىغانلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر دۆلەت ئەندىزىسى ئىسلام جەمئىيىتىدە، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلار ئارىسىدا نىسبەتەن قىيىن قۇبۇل قىلىنىۋاتىدۇئ

    شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ پىرىسىيە قولتۇقىغا كېلىشى بىلەن، ھەرقايسى خەلىپىلىكلەردە خەلقنىڭ ھاكىممۇتلەقلىققە قارشى ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن سىياسىي، ئاخبارات ھەمدە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر، ھاكىممۇتلەقلىققە  قارشى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ مۇددىئاسى، مەقسىتى ھەمدە مەزكۇر ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈلگىلىرىگە قارىتا ھەرخىل چۈشەندۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردى. غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەزكۇر ئىنقىلابلارنىڭ ئىسلامىي ماھىيىتىنى سۇسلاشتۇرماقچى بولدى. شۇ 

  • جاسۇسلۇق  بىزگە ئەرەپچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، بىزدە ھامان سەلبىي مەنا بېرىدىغان بولغاچقا، جاسۇس ئەڭ رەزىل ئادەملەر بولۇپ ئاڭلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، بىر دۆلەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا جاسۇسلۇقنىڭ ئورنى ئارمىيىنىڭكىدىن يوقۇرى تۇرىدۇ. يەنى، بىر دۆلەتنى ئاياقتا تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل جاسۇسلۇقتۇر.

    بىز دەۋاتقان جاسۇسلۇق ئېنگىلىزچىدا Secret Intelligence (مەخپىي ھۇشيارلىق \ مەخپىي چېچەنلىك \ مەخپىي ئەقىل،...مەنىلىرىدە) دېيىلىدۇ: مەسىلەن: CIA(Central Intelligency Agency  مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى)؛  MI5, MI6 (ئەنگىلىيەنىڭ Military Intelligence بەشىنچى باشقارما ۋە ئالتىنچى باشقارمىسى). بەزىدە ئانچە رەسمىي بولمىغان شەكىللەردە Secret Service (مەخپىي مۇلازىمەت \ خىزمەت) مۇ دېيىلىدۇ. ئۇيغۇرچىغا ئىلگىرى رۇسچىدىن كىرگەن نۇسقىدا رازۋىدكا شەكلىدىمۇ قوللۇنۇلغان بولسىمۇ، كېيىن خىتاي تىلىدىكى ئاتىلىشىنىڭ تەرجىمىسى ئىشلىتىلىپ، ئاخبارات دەيدىغان بولدۇق. ئەمەلىيەتتە خىتايچىدا 

  • ئۇنداقتا بۈگۈن پۈتۈن ئەخلاقسىزلىقلار ئىشلىنىۋاتسا، نېمە ئۈچۈن مىللەتلەر تۈركىمىي بىلەن ھالەك قىلىنمايدۇ؟؟؟

      قەدىرلىك ئۇقۇرمەنلەر،  بۇرۇندىن تارتىپ ئىلاھىي بىر قانۇن سۈپىتىدە جانابى ھەق ئاسىي قەۋىملەرگە ئاخىرەتتە جازا بىرىشنى قىسمەت قىلىش بىلەن بىرگە تەربىيە ۋە تەكلىپ ئۈچۈن دۇنيادىمۇ جازا بەرگەندۇر. ھەقىقەتەن ھەزرىتى لۇت قەۋمى ھەققىدىكى جازا ئويلاندۇرىدىغان ۋە ئىبرەت بىرىدىغان ماھىيەتكە ئىگىدۇر.  ھەزرىتى لۇتنىڭ ۋەزىپىلىك بولغان سودومدەگومورە لۇت كۆلى ئەتراپىدىدۇر(ھازىرقى ئۆلۈك دېڭىز رايونى).   بۇ بىرقانچە يېزا بىر كېچىدە  بىر ئاۋاز بىلەنلا ھالاك قىلىنغاندۇر. ھەزرىتى لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ خىجىللىق ۋە گۇناھلاندۇرغۇچى ئاقىبەتلىرى بىلەن ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىللىرىغىچە ئېچىپ بەرگەن قۇرئانىي كەرىم ھەزرىتى نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ تەپسىلاتى بىلەن نەقىلگە ئالغاندۇر، توفان قاراڭغۇللىقلىرى يېيىلىپ ئۇ زاماندىكى دۇنيا قاراڭغۇللىقلىرى يەرنىڭ ئاستىدا قالغان، دېڭىزلەر ھورلىشىپ، كۆكتىن يامغۇرلار يېغىپ، يەردىن سۇلار ئېتىلىپ ۋە پۈتۈن ئۇ ئاسىي جامائەت ھالاك بولغان، پەقەت ھەزرىتى نۇھنىڭ كېمىسىگە ئولتۇرغان ئۇ كىشىلەر يەنى بىر قىسىم  ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان ئۇ 60،70چە ئىنسان ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن 

  • مەتبەئە تىخىنىكىسنىڭ ئىجات قىلىنىشى نەشىرىيات ۋە ئاخباراتچىلىق تارىخى بويىچە، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھادىسدۇر. غەرپلىكلەر مەتبەئە تېخنىكىسنى ئىجات قىلغان كەشپىياتچى سۈپىتىدە يوھان گۇتىنبۇرگنى كۆرسەتسىمۇ، ھەقىقەتتە مەتبەئە تېخىنىكىسنى ئۇيغۇرلار گۇتىنبۇرگتىن بۇرۇنلا 6-ئەسردە ئىجات قىلغان.

       دەسلەپكى مەزگىلدە تۆلەس، كىينكى دەۋرلەردە توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەۋم 744-يىلىغا بارغاندا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. بۇ دۆلەت 840-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋە قىرغىزلار تەرىپىدىن يېقىتىلغان. دۆلەتنىڭ يېقىلىش سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچكى ئاسيادا بەش بالىق، تۇرپان، خوجا قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى، كۈلتۈرىنى تۇرپاندا داۋاملاشتۇرۇپ ئولتۇراقلىشش ھاياتىغا قەدەم قويغان. ئۇيغۇرلار باشقا تۈركى خەلقلەردىن بۇرۇن بۈيۈك مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، بىلىم، كۈلتۈر، تىجارەت قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگېنىپ، ئوتتۇرا ئەسردىكى ئەڭ مەدەنى مىللەتلىرىدىن بىرى بولغان.

    981-984  -يىللىرى قاراخوجاغا چىن (جۇڭگو)ئەلچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ۋاڭ يەندي ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەيدۇ:«بەش بالىقتا بەك كۆپ ئۆيلەر، مۇنارلار ۋە باغچىلار بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار ئەقىللىق، توغرا خاراكتېرلىك ۋە نومۇسلۇق ئنسانلار ئىكەن، ئالتۇن، كۈمۈش، مس ۋە تۆمۈردىن بىر نەرسە ياساشن


    1.     تەشۋىقات دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنىڭ تەشۋىق، تەرغىب قىلىش دېگەن مەنىدە بولسىمۇ، ئەمما  تەشۋىقاتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغانلار تولىمۇ ئاز بولسا كېرەك .
          تارىختىن بۇيان ھەرقايسى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، خەلق قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقاتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ ‹‹مايىل قىلىش ›› بولسا ماھىيەتتە كىشىنىڭ ئېڭىنى ، ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە جەلپ قىلىش، بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت. توختىماي ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق بىر تەشۋىقات كىشىلەر مېڭىسىگە سىڭىپ كىرگەنسېرى مۇقەررەر ھالدا شۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قىلىۋاتقان ئېسىل پەندى-نەسىھەتلىرىمۇ، ئادەم بولۇشنى ئىدىيەمىزگە سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان

    • رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەسلى يۇرتى رىزە ئۆلكىسى بولۇپ،1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئستانبۇلدا تۇغۇلغان.1965-يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىۋىنى،1973-يىلى ئستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن. ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدىنمۇ دىپلوم ئالغان.ئۇنىۋېرستىتنى مەرمەرە ئۇنېۋىرستىتى ئېقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981-يىلى تاماملىغان.
      ياش چاغلىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان ،مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى  ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982)ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.
      شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتىدە  دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە جەمئىيەت مەسللىرىگە  كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئىلىش دەۋرى باشلاندى.
      تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە
    • گيتىس  39  يېشىدا  دۇنيادىكى  ئەڭ  چوڭ  باي  بوپتىكەن،  چىن تىيەنچىياۋ  31  يېشىدا  جوڭگۇدىكى ئەڭ  چوڭ  باي  بوپتىكەن،  سۇن جوڭشەن 28  يېشىدا  جوڭخۇانى  گۈللەندۈرۈش  جەمئىيىتىنى  قۇرۇپتىكەن، ۋاڭ رەن 23  يېشىدا  ئىدارە باشلىقى بوپتىكەن،  سۇن چۈەن 19  يېشىدا  جىياڭدوڭنى  ئىگىلەپتىكەن،  دېڭ جۈنخۇي 15 يېشىدا  دۇنيا  چىمپىيونى بوپتىكەن،    دىمپور 7  يېشىدا ئوسكار مۇكاپاتىغا  ئېرىشىپتىكەن،  بىتخوۋىن 4 يېشىدا باشلاپ  مۇزىكا  ئىجاد  قىلىشقا باشلاپتىكەن،    قاپاق  بالا (葫芦娃 ) تۇغۇلۇپلا  جىن  ئالۋاستىلار بىلەن  ئېلىشقىلى  باشلاپتىكەن.  دەپ  بېقىڭلارچۇ،  شۇنداق  تۇرسا   مەن  ئالدىرىماي  كىم  ئالدىرىسۇن؟
    • سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تارىختىكى تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك پادىشاھ بولۇپ، قاراخانىيلار خانلىقىغا ئاساس سالغۇچى بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ ئوغلى بەزىر خاننىڭ ئوغلى ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 4- ئەۋلاد خاقانى ھەمدە تارىختا ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر قاغانى. سۇتۇق بۇغراخان كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن تاغىسى ۋە ئۆگەي ئاتىسى ئوغۇلچاق قادىرخاننىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان.  سۇتۇق بۇغراخان 12ياش چاغلىرىدا سامانىلار شاھزادىلىرى ئارىسىدا تەخت تالىشىش ماجراسى چىقىپ شاھزادە ناسىر بىن ئەھمەد ئوغۇلچاقخاننىڭ قېشىغا پانا تارتىپ كېلىدۇ، ئوغۇلچاق خاقان ناسىر بىن ئەھمەدنىڭ خان ئوغلى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاتۇشنىڭ ھاكىملىقىنى بېرىدۇ. شۇ چاغلاردا ئاتۇشتا تۇرىۋاتقان سۇتۇق بۇغراخان ئۇلارنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ئىسمىنى ئابدۇلكەرىمگە يۆتكەيدۇ.  25يېشىدا خانلىق ئېلان قىلىپ تاغىسى ئوغۇلچاق بۇغراخان بىلەن سوقۇش قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئىسلام
  • سەييىد قۇتۇب(1906-1966)مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاسسىيوت ئۆلكىسىدە دىنىي كەيپىياتى قويۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى، ئاتا-ئانىسى تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ قاھىرە تىل دارىلمۇئەللىمىنىنى پۈتتۈردى. 1948-يىلى8-ئايدىن1950-يىلى8-ئايغىچە ئامېرىكىدا ئوقۇپ، پېداگوگىكىنى تەتقىق قىلدى، ھەمدە غەربنىڭ ماددىي مەدەنىيلىكى، مەدەنىيەت ئىدىيىسى، ئەخلاقى، قىممەت قارشى قاتارلىقلارنى  بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۈردى ھەم ئۇلار بىلەن ئۇچىرىشىپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى. 1951-يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيۇشما گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. 1954-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 15يىللىق ھۆكۈم كېسىلدى. كۆپ خىل ئاستا خاراكتىرلىك كىسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، كۆپ ۋاقتىنى تۈرمىدىكى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى يېزىپ، تۇغقانلىرى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىپ تۇردى. تۈرمىدە 10 يىل يېتىپ 1964

  • بۇ، 610- يىلى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىسلامىيەتنى تەبلىغ قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدىن 750- يىلى ئۈمەۋىلەرنىڭ يىقىلىشىغىچە بولغان بىر يېرىم ئەسىرلىك مەزگىلدۇر. بۇ باسقۇچتا ئىسلامىيەت ئاۋۋال ئەرەب يېرىم ئارىلىغا، كېيىن تۆت خەلىپە دەۋرىدە  كۆپۈنچىسى تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىشغالىيەت ئارقىلىق سۈرىيە، پەلەستىن، ئىراق، شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي ئاق دېڭىز بويلىرى، ئىران، ۋە خوراسان توپراقلىرىغا يېيىلدى. بۇ جايلاردىكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى. ئەسلى دىنىدە قالغانلارمۇ دىنىي ئەركىنلىك ۋە قانۇنىي مۇختارىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئۈمەۋىيلەر دەۋرىدە(661-750)مۇ ماۋرەئۈننەھرى، سىندى دەرياسى بويلىرى ۋە ئەندۈلۈس ئىسلام دائىرىسىگە كىردى. ئىسلام دۇنياسى شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەرپتە فرانسىيەنىڭ جەنۇبىغىچە، شىمالدا كاۋكازدىن جەنۇپتا ھىندىستانغىچە  كېڭەيدى.

    1. بۇگۇنكى ئامېرىكىنى باشقۇرىۋاتقان ئېۋانگېلىستلەرنىڭ ( خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ رادىكال مەزھىپى) قارىشىچە ئوتتۇرا شەرقتە چوڭ قالايمىقانچىلىق يۇز بېرىشى كېرەك ئاندىن كېيىن ھەزرىتى ئىيسا 2-قېتىم يەر يۈزىگە كىلىپ ھازىرقى ئىسرائىليەنىڭ مېگىدو ( MEGIDO) دىگەن يىرىدە مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قانلىق ئۇرۇش بولغان ئارماگېددون ئۇرۇشىدا( ARMAGEDDON) خىرىستىيان ۋە يەھۇدىلەرغا باش بولۇپ دەججالنىڭ قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلارنى يېڭىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر يۇزىدە ھەزرىتى ئىيسا باشچىلىقىدا 1000 يىللىق تىنچلىق دەۋرى باشلىنىدۇ. ۋە بۇلارنىڭ يۇز بېرىشى ئۇچۇن يەھۇدىلار چوقۇم كۇچلۇك بىر دۆلەت قۇرۇشى كىرەك، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق بولماسلىقى كىرەك، قۇددۇستىكى (ئېرۇسالىم) مەسجىدى ئاكسا يىقىلىپ، ئورنىغا ھەزرىتى سۇلايماننىڭ ھەيكىلى ۋە ئىبادەتخانىسى تىكلىنىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۇرۇلۇشى كېرەك. دەل بۇ يەردە مەسىھ پىلانى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ
    • يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىنى مەركەز يادىرو قىلغان ، ھەرقايسى دۆلەت ، ھەرقايسى مىللەت ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىساد ،ھەربىي ئىشلار ،بىخەتەرلىك ، تۇرمۇش ياشاش شەكىلى ، قىممەت قارشى ، كۆپ قاتلاملىق ئۆزئارا مۇناسىۋەت ، تەسىر ، ئۇچىرىشىش، قاتارلىق كۆپ خىل ئېلىمىنىتلىق نەزەرىيە بولۇپ تېخنىكا ،سىياسىي ، ئىقتىساد ، قانۇن ، باشقۇرۇش ، تەشكىللەش ، مەدەنىيەت ، ئىدىيە كۆز -قاراش ، كىشلىك ئالاقە مۇناسىۋىتى ، خەلقئارا ئالاقە مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئون نەچچە خىل تەرەپلەرنىڭ

    • 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان<<شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى>>نىڭ قۇربان بولغان رەھبەرلىرى قاتارىدا غەنىي كېرىموۋمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى غۇلجا شەھرىدىكى ئىنقلاۋىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قەبرىسىنىڭ يېنىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. مەن غەنىي كېرىموۋ ئائىلىسىدىن چىققان قۇربانلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئىگەلىگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەزى پاكىتلارنى رەتلەپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.غەنىي كېرىموۋنىڭ دادىسى ئېزىزقارى توختاخۇن،ئانىسى بۇسەيلىىخان قىرغىزىستاننىڭ قارا قول دېگەن يېرىدىن بولۇپ، شۇ يەردە تۇرمۇشلۇق بولۇشقان. ئۇلار‏ -1932 يىلى ئەينى چاغدا

    • مىللىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ،مىللى ئارمىيەنى تېخىمۇ تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز .ھازىرقى شىنجاڭدا بار بولغان مىللى قىسىملار دەل ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسىىدىىن قىلىپقالغان قىسىملاردۇر.ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيەنىڭ كىلىش مەنبەسى كۆپ،تەركبى قىسمى مۇرەككەپ ، شۇڭا مەن تۆۋەندە بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمراقلىرىنى ۋە مىللى ئارمىيە توغرىسىدىكى بىر قىسىم سان سىپىرلارنى
  • گېتلىر(Adlof Hitler) نىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ھەممىلا ئادەمگە ئايان قەبىھلىك بولغاچقا ، يەنە كېلىپ ئۇ 35مىلىيۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە كامىدا 50يىل دۇنيادىكى ھەممىلا دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ۋاستىلىك تەسىر كۆرسەتكەچكە بۇ قاتاردىن ئورۇن بەرمەي بولمىدى.

    ﺋﺎﺩﻭﻟﯘﻑ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ، 1889 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﺎﯞ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1905 - ﻳﯩﻠﻰ 16 يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قېلىپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ، ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻝ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻐﺎ ﯸﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﺘﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ 1913 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . 1913 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ


    • " مەن ئىسلام دىنىدا  روھىي ئەمىنلىكنى تاپتىم "  
      فرانسىيەلىك ناخشا چولپىنى  Diam's ئىسلامغا كىردى ھەم  بېشىغا  ياغلىق چىگىپ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىسلام نىزام- قائىدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
      abna ئاخبارات ئاگېنتلىغىنىڭ خەۋىرىچە  Diam's فرانسىيەلىك داڭلىق ناخشا چولپىنى بولۇپ ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا
      كىرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ دىلخەستىلىك- بىئاراملىقتىن ، ئىسەنكىرەشتىن قۇتۇلۇپ ئۆزىنى ئەمىن تاپقۇزۇش
      ئىكەن.
        پاريستا چىقىدىغان " پالماچ " ژورلىنىدا مۇنۇلار يېزىلغان : ئالاھىزەل 2 ئاي بۇرۇن  Diam's مەلۇم بىر مۇسۇلمان ياش بىلەن توي قىلغان ، تويدىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن  Diam's ئېغىر  ئىسەنكىرەشكە گىرىپتار بولۇپ  بارلىق كىشىلىك  ئالاقىلەردىن قول ئۈزگەن، ئۇ
    • قىز تەربىيەلەش بەسى مۈشكۈل ئىش . چۈنكى قىز بالا دىگەن بەئەينى ئەينەك پارچىسىغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغا قاتتىقراق مۇئامىلە قىلسىڭىز سۇندۇرىۋالىسىز ، بەك پاكىز تۇتىمەن دەپ تولا سۈرتسىڭىز ، كورلاشتۇرۇپ قويىسىز . ئەگەر تۇرغىنى بويىچە تۇرسۇن دىسىڭىز چاڭ - توزان بېسىپ ، پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا بۇ ئەينەككە ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز ، ئۇنى قانداق ۋاقىتتا ھويلىدا ، قانداق ۋاقىتتا مېھمانخانىدا قويۇش لازىملىقىنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك .

         بىراۋ پەيلاسوپتىن سوراپتۇ : « دۇنيادا ئۆلۈمدىنمۇ يامىنى نىمە ؟» « قىزىڭنىڭ ناقابىل تۇغۇلىشى » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ پەيلاسوپ . ھەقىقەتەنمۇ قىز كەلتۈرگەن نومۇس ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر . بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا مەن قىزى كەلتۈرگەن نومۇس سەۋەپلىك بېشىنى تىكلىيەلمەي ياشاۋاتقان ئاتىلارنىڭمۇ بارلىقنى بىلىمەن . « ئۆلىۋالاي دىسەم يەنە شۇ بالىلارنى ئويلىدىم ، - دىدى شۇنداق ئاتىلاردىن بىرى ماڭا ،- مەن نىمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمىدىم ، قىزىم مېنى ياشىغۇسىزلا قىلىۋەتتى ...» دادا بولغۇچىنىڭ بىچارىلىكىگە قاراپ ئىچىم ئېچىشتى ، ئۆزۈمنىڭ قىزىنى كۆز ئالدىمغا
    • مۇھەممەد قۇتۇب 1919-يىلى ئاپرىلدا ھاج قۇتۇب ئىبراھىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى . ئۇلار بەش قېرىنداش بولۇپ ، ئەڭ چوڭى نەفىسە قۇتۇب (1903-يىلى) ، ئۇنىڭ كىچىكى سەيىد قۇتۇب ، ئۇنىڭ كىچىكى ئەمىنە قۇتۇب ، ئۇنىڭ كىچىكى مۇھەممەد قۇتۇب ، ئۇنىڭ كىچىكى ھەمىدە قۇتۇب ئىدى  (››20-ئەسىردىكى جاھىلىيەت‹‹  دە ئۈچ قىز قېرىنداشنىڭ ئىسمى خاتا ھالدا ئامىنە ، پاتىمە ۋە ئائىشە دەپ يېزىلغان ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقىپ بولىشىنى
    • ئېلاۋە : مەن تور دۇنياسنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم قېرىنداشلارنىڭ كاۋكاز مۇسۇلمانلىرىنىڭ 2002- يىلى يۈز بەرگەن موسكۋا دۇبروكا تىياتىرخانىسىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى ۋە 2004- يىلى يۈز بەرگەن بىسلان ئۇتتۇرا مەكتىپىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەلىكىدە مۇجمەل چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۆۋەندىكى كىچىككىنە ئىزاھاتنى قېرىنداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. بەلكىم قېرىنداشلار ئۇچۇرسىز ۋە ياكى تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن مۇجمەل چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ قالغان بولۇشى تەبئىي، بەلكىم ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن قېرىنداشلار بو توغرىسىدا توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

      2002-
    • مۇھەممەد ئەسەد سۆزلەپ بېرىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ «ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆمەر مۇختار ئات ئوينىتىپ چىقىپ كەلدى، ئۇ بۇينىغا بىر پارچا ئاق رەخ پارچىسى تاشلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن ئىككى ئادەم بار ئىدى؛ ئۇلارغا ئەگىشىپ بىر توپ ئاتلىق كىشىلەرمۇ كېلىۋاتاتتى. بىز بىرلىكتە بارماقچى بولغان تېپىگە   يېتىپ كەلگىنىمىزدە، ئۆمەر مۇختار پۇتىنى ئاۋايلىغان ھالدا ئىككى كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاستا ئاتتىن چۈشتى. ئۇ پۇتىنى خېلى تەس ھەركەتلەندۈرەتتى. (كېيىنچە ئۇن كۈن ئالدىدا خېلى ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم.) ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىنى ئاي يۇرىقىدا ئېنىق كۆرىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ چىرايىنى قىسقا قويۇق ئاق ساقىلى قاپلاپ تۇراتتى. ئۇ بەستىلىك، ئوتتۇرا بوي كىشى ئىدى. ئۇنىڭ قارىماققا قاپاقلىرى ئولتۇرشۇپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. باشقا چاغلاردا بولسا ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغان كىشى ئۇنى خۇددى كۈلۈمسىرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالاتتى. ئەمما ھازىر ئۇنىڭ كۆزىدە غەزەپ ـ نەپرەت ۋە قەھرىمانلىقتىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيتتى.»
  • قىسقىچە تەرجىمىھالى

    نىجاد ئەھمىدىنىڭ تولۇق ئىسمى (Mahmoud Ahmadi-Nejad) مۇھەممەد ئەخمىدى نىجاد بولۇپ، ئىراننىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى. ئۇ 1956-يىلى ئىران پايتەختى تېھران شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى جامۇسار بازىرىدا بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى ئۇستا تۆمۈرچى.  ئەھمىدى نىجاد بۇرۇنلا سىياسىيغا قەدەم باسقان. ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، شەرقى جەنۇبتىكى كورد شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى  ۋە تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ ئستىلى دۇرۇس، سەممىي، خەلقپەرۋەر، ھەققانىيەتچىل بولغاچقا ئۇنى كۆپ ساندىكى پۇقرالار، بولۇپمۇ جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئاجىز ئاممىۋى پۇقرالار توپى ۋە خەلق قوللايدۇ. 2005-يىلى 6-ئايدا ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. 2009-يىلى 6-ئايدىكى سايلامدا يەنە غەلبە قىلىپ، %62.63 بېلەت بىلەن، يەنە بىر قېتىم ئىراننىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان.

    • دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك سىرلىق تەشكىلات فرې مىسىن ھەم ئۇلارنىڭ زور كۆلەملىك ئېرىق تازىلاش پىلانى
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىگەندەك،ھەربىر مۇسۇلمان جاھىلىيەتنى چۈشۈنۈش كىرەك.بىز جاھىلىيەتنى ئەمەلى قوللىنىپ چۈشىنىمىز،دىگەنلىك ئەمەس بەلكى سىرتىدىن جاھىلىيەتنىڭ ماھىيتىنى كۈزتۈش دىمەكتۇر،بۇ ئەسەر جاھىلىيەتى چۈشۈنۈشكە ئاز-تۇلا پايدىسى بۇلا دىگەن مەقسەتتە يوللاندى.بۇ ئەسەر ئەلكۈيى تور بىتىدىكى
    • يالغۇز كۆز تەڭرىنىڭ ئىنسانلار نازارەت قىلىۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 17-18ئەسردىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىدە ، فرې مىسىن سېرلىق كۆزنى تەڭرىنىڭ نامايەندىسى ھەم سېمىۋولى  دەپ قارىغان. بۇ بەلگە ئامېرىكا دۆلەت گىربى ھەم بىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئارقا يۈزىگە چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى قەدىمكى مىسىر.بۇنىڭ سەۋەبى فرې مىسىننى كونترول قىلغۇچىلار  يەھۇدىيلار بولغاچقا،فرې مىسىن ئەزەلدىن ئوتتۇرا شەرقنى ئۆزىنىڭ ئانا ماكانى دەپ قاراپ كەلگەن.
    • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈن 1– تائىف ۋەقەسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە يۈز بەرگەن پىل ۋەقەسىنىڭ 1- يىلى، رەبىيئۇل ئەۋۋەل (3- ئاي) نىڭ 9- كۈنى دۈشەنبە كۈنى تۇغۇلغان.بۇ ئاي ۋە كۈنلەر مىلادىيە 571 – يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى ياكى 22- كۈنىگە توغرا كىلىدۇ. ۋاپاتى بولسا يەنە ھىجرىيەنىڭ 11- يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12- كۈنى دۈشەنبە چاشگاھ ۋاقتى بولغاندا يۈز بەرگەن، بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ 63 ياشقا كىرىپ ئون كۈن ئاشقان ئىدى. بىز ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ ئاي بولسا دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋەللۇتىنىڭ ۋە ۋاپاتىنىڭ ئېيى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دەئۋىتىنى تارقىتىش يۈلىدىكى تارىتقان جاپالىرىنى ئەسلەپ ئۈتۈش ۋە شۇ ئارقىلىق بىزگە يىتىپ كەلگەن بۇ دىننىڭ قانداق شارائىتلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 23 يىل جەريانىدىكى ئىسلام دەئۋىتىنى تارقىتىش يۇلىدا نۇرغۇنلىغان جەۋرى – جاپالارنى تارىتقان بۇلۇپ، بۇنىڭ مەشھۇرلىرىدىن تائىف ۋەقەسىدۇر

    • ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى.كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583-يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626-يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئېسىيان كۆتەردى.دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئېسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى.ئاشىناشىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى __ بوسات تېكىن تەرپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى.مىلادى 629-يىللىرى ئاشىنا شىر يەنە بىر قېتىم بوسات تېكىن تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھازىرقى جىمسار ئەتىراپىغا كېلىۋالدى.شۇ يىلى شەرقىي تۈركلەر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىمۇ ئىچكى ماجرا يۈز بېرىدۇ.پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئەقىللىق ئاشىنا شىر غەربىي تۈركلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەربىي تۈركلەر زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى دۇب
  • ﮔﯩﺘﻠﯧﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ << ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ>> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﺕ ﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻗﻰ ﺋﯩﺪﻯ .

        << ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ 1 - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ھﺎﺯﯨﺮ 30 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
    ﺑﯘ 30 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﺪﯨﻴﻪﻣﮕﻪ ، ھﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻤﮕﻪ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘھﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻢ ﯞﻩ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﯩﻤﺪﯗﺭ . ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜﭺ - ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ، ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ....
        ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﺴﻨﻰ 1939 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯧھﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻪھﯘﺩﯨﻲ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪھﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﺌﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﯟﺍﺯﻻﺭﺩﯗﺭ .
        ﻣﻪﻥ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﯙﯕﮕﻪﭖ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻳﻪھﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗھﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﻟﻠﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

     

        ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ، ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺗﯘﺭﺍﻧﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ..... ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ، ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺕ - ﻣﺎﻣﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪھﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﯩﺴﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ .
    ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﻓﺌﻮﺭﯦﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﯜﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯩﻤﺪﺍ ، ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﺩﯦھﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺗﯚھﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ~ ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯚھﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﯞﯨﺪﺍﻟﯩﺸﯩﻤﻪﻥ ..... >>

     

       ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ھﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ، ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻻﺍﺭ ﭘﻮﻟﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮﻻﺭ . ﺋﯘ << ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﺎﻣﻪ >> ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺪﻯ .

     

       << ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﺎﺭﺷﺎﻟﻰ ھﯧﺮﻣﺎﻥ ﮔﯧﺮﻧﮕﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﻪﻥ 1941 - ﻳﯩﻞ 20 - ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ھﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ... ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﺎﺭﺷﺎﻟﻰ ﺩﻭﻧﺘﯧﺮﻧﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺪﯦﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﻤﻪﻥ .
    ﻣﻪﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﺋﯧﺴﺌﯧﺴﭽﯩﻼﺭ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ھﯧﻨﺮﯨﻬ ھﯩﻤﻠﯩﺮﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﻪﻥ ھﻪﻡ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ . >>

     

        ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﯧﯖﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ . ﮔﯧﭙﺒﺒﯩﻠﯩﺲ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﻮﺭﻣﺎﻥ -- ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﯨﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﯧﻴﯩﺲ - ﺋﯩﻨﻜﯘﺋﺎﺭﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ........
       ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﮔﯧﺒﺒﯩﻠﺲ ، ﺑﻮﺭﻣﺎﻥ ، ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻛﺮﺑﯧﺲ ﯞﻩ ﮔﯩﻨﯩﺮﺍﻝ ﺑﯘﺭﮔﺪﻭﺭﻑ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮔﯘﯞﺍھﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﺘﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ << ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ >>. ﮔﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ( ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﺪﻯ -- ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ ) . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺋﯘ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ھﺎﻝ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ، ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭺ - ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ~ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ھﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﮔﯧﺮﯨﻨﮕﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ . ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ :

     

         << ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﺎﺯﯨﺮ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ، ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺑﯧﺮﻟﯩﻦ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺕ - ﻣﺎﻣﺎﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .
       ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﺷﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍ ﻛﯚﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ھﺎﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﺩﻯ .
    ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯜﻡ ---- ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ - ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﺏ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﺏ ! ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻤﯘ ھﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﺏ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ھﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﺪﺍ ، ﺩﻭﻧﺎﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﻨﺰﺩﺍ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﻘﺎﻧﻤﻪﻥ . >>

     

       ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺑﯘ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ :

     

       " ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺑﻮﻳﯘﻣﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ . ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺑﯘﺭﮊﯗﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭽﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻛﻼ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﯔ ( ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﭘﺎﺋﯘﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ~ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﺎﺗﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻧﺘﯘﻕ . ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ )
       ﺭﻩﭘﯩﻘﻪﻡ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎھﺎﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﻟﯜﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻜﻪ 12 ﻳﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﯦﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . "

     

       ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .

     

       ﮔﯩﺘﻠﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﯧﺘﻰ << ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﻢ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺧﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ :

     

       << ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ . ﻧﯩﺸﺎﻥ ھﯧﻠﯩھﻪﻡ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . >>

     

    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺩﻟﻮﻑ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯩﻜﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺩﻟﻮﻑ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥ . ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﻩھﻪﺭ ﻳﻪﭖ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﺪﺍ . ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 30 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻟﻮﻑ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 56 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، 3 - ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻐﺎ 12 ﻳﯩﻞ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﮔﯩﺘﻠﯧﺮﻧﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ


    • بۈگۈن بىز بۇ يەردە، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ زىمىنىدا ــ بېرلىندا تۇرۇپتىمىز!  ئەجدادلىرىمىزنىڭ  ساپ قانلىرى ۋە غورۇرى بىلەن سۇغۇرۇلغان زىمىندا تۇرۇپتىمىز! 
           كۆز ئالدىمدا بىر مىللەت ـــ ھاقارەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان بىر مىللەت تۇرۇپتۇ! ئاشۇ ئۇرۇشتىن كېيىن بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىزنىڭ مەغرۇرلىقى يوقالدى!  ئاشۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر ھازىر بىزنىڭ شىللىمىزدە زورلۇق قىلماقتا. بىزنىڭ غورۇرىمىزنى دەپسەندە قەلماقتا، ياۋروپا قۇرۇقلىقىدىكى ئەڭ ئېسىل بىر مىللەتنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلماقتا! ماڭا ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر بېنيامىن، مارتىندەك بىر ھۆرلۈك جەڭچىسى بولماقچىمۇ ياكى قۇل بولماقچىمۇ؟! سىلەر بەلكىم:
      ”گىتلېر ئەپەندىم
    1.    سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئۆز مۇستەملىكلىرىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىشىپ مىسىرغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، يەنى ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
         1952- يىلى مىسىردا ئىيۇل ئىنقىلابىي ئىيۇل ئىنقىلابىي يۈز بېرىپ، فېئودال فەرۇق

  •    پاھ ، پاھ ...ھازىرقى دۇنيا نىمە دېگەن رەڭدار ، ئېغىزلار نىمە دېگەن يۈگۈرۈك ! ياشىساڭ مۇشۇنداق زاماندا ياشا ، بولىدىغان - بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشنى كۆرەلەيسەن ، ئاڭلىساڭ زامانىمىزدىكىنى ئاڭلا ، خىيالىڭغىمۇ ، چۈشىڭگىمۇ كىرمەيدىغان ئاجايىپ قىزىقچىلىقلارنى ئاڭلايسەن .
    « قۇمۇل ئەدەبىياتى » نىڭ 2003 - يىل 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئابدۇخالىقجان ئابلىمىتنىڭ توختىباقى ئارتىشى ئاكىغا يازغان ئۇچۇق خېتىدىن بەزى جايلاردا بەزى ئادەملەرنىڭ مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى « دىنى تۈس ئالغان دەپتەر » دەپ چەكلەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇقۇپ تولىمۇ ھەيران قالدىم . ئۆزۈمچە قانداق ئادەملەرنىڭ دېگەنلىكى ئۈستىدە پەرەز قىلىپ باقتىم . چوقۇمكى ، بۇنداق گەپلەر دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقمايدۇ . چۈنكى ، ئۇلار جان بېقىش ھەلەكچىلىگى بىلەن ئارام تاپالمايۋاتقاندا ، بۇنداق دان چۈشمەيدىغان گەپلەرگە نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن ؟ خىزمەتچىلەرمۇ ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ؟ ياق ، ئۇلارمۇ ئەمەس . ئېغىزىدا دەپلا قويماي يەنە « چەكلەش » كىمۇ قۇدىرىتى يېتىپتۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، مىللى مەدەنىيەت ، مىللى ئۆرۈپ - ئادەت ، مىللى ئەنئەنە ، تارىخ دېگەنلەردىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەنسەپكە يولۇقۇپ قالغان ، بىكار ئولتۇرۇپ قېنى قىزىپ چېپىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان كالتە دوغىلارنىڭ ئىشى .
    بۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ ، 2001 - يىلىدىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كىلىۋالدى .
    شۇ يىلى بەزى جايلاردا ساقال - بۇرۇت ئۈستىدە خېلى گەپ - سۆزلەر بولۇنغان ئىدى . بەزى يولداشلار بۇنداق بىمەنە گەپ - سۆزلەرگە

    • رەسىملەرنى كۆرۈپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ماۋۇ شېئىر يادىمغا كەلدى:


      ھىممىتىڭدىن،غەيرىتىڭدىن ئۆل،لېكىن ئايرىلمىغىل،
      ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر،قايرىلمىغىل.

      مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ،قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
      تاغۇ تاش،دەريا،ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل
      .

      ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە،يا غەرق بول،تاپ گۇھەر،
      شىر نە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.

      تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ،سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
      ئېلىشىپ قانغا بويال،نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.

      كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
      بۇ نىچۈك بولغاي كېيىن دەپ،يوق خىيالغا قالمىغىل
      .

      سەن ۋەتەن،مىللەت دېسەڭ،تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
      بول قەسۇر،ئالىي نىشان،كۆلچەك-بۇلاققا قانمىغىل.

      ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
      ئۇشبۇ ۋىجداننى كىيىن پۇتمەس ئازابقا سالمىغىل
    • ﺳﯩﻴﯩﺖﻧﻮﭼﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ 

    ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﯩﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﻫھوﻛﯩﺮﻩﭖ ،
    ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻫھۇﯞﻻﺭﺳﯩﺴﯩﻖ ﻗﯩﻨﯩﻤﺪﺍ .
    ﻛﻮﻛﺘﯩﻦ ﭼﯘﺷﻜﻪﻥ ﻧﯘﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ،
    ﺳﯩﻴﯩﺖ ﻧﻮﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﯩﻐﯩﻤﺪﺍ .

    ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﯘﺭﻩﻛﻜﻪ ﺑﻪﺗﻠﻪﭖ ،
    ﻧﯘﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ﻫﻮﻛﯩﺮﻩﭖ .
    ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯘﻟﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﻠﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ،
    ﻗﯩﺰﯨﻞ -ﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯘﺭﻩﻙ -ﭘﯘﺭﻩﻛﻠﻪﭖ
    .

    ﻗﯩﺰﯨﻞ -ﻗﯩﺰﯨﻞ ،ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﻮﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ،
    ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﻮﻳﯘﻣﻠﯘﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ .
    ﺋﯩﻨﯩﻘﺴﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﯘﺭﺩﯗﻡ ﺗﯩﭙﯩﺮﻻﭖ ،
    ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﻪﺱ ﺑﯘ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ ﻛﻮﺭﯗﺵ
    .

    ﺋۆﻟﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﮕﻪﻧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻳﻼﭖ ،
    ﭼﯘﺷﯘﻣﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻳﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ﻛﯘﻟﯘﭖ .
    ﺋﻮﻟﮕﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﻮﺯﯗﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ،
    ﻳﯘﺭﯨﻴﻤﻪﻥ ھاياتتا كۇندەﺑﯩﺮ ﺋﻮﻟﯘﭖ

     

    2005-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28-ﻛﯘﻧﻰ (ﻳﻪﻛﻪﻥ )

    • غايەت زور چوڭ تىپتىكى ئىنترىنىت ئۇچۇر پونكىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر پىلانى ۋە ئارزۇ (3)

      4.مەسلىھەت سوراش جەھەتتە
      تور پونكىتىمىز ۋە چ چ غا ئوخشاش سۆزلىشىشى قۇرالى ئارقىلىق كىشىلىرىمىز تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردا مەسلىھەت سورىيالايدۇ:
      1)قانۇندىن مەسلىھەت ؛
      2)چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن مەسلىھەت؛
      3)ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە قايسى ئالى مەكتەپنى تاللاش جەھەتتە مەسلىھەت؛
      4)كۈندىلىك تۇرمۇش جەھەتتە__ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى، قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى، دوست بۇرادەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى...ۋە شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرىغان ھەرخىل مەسلىلەر ، ھەرخىل جىددى ئەھۋاللارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ...قاتارلىقار توغرىسىدا مۇتەخەسىسلەر ۋە تەجىربىلىك كىشىلەردىن مەسلىھەت سورىيالايدۇ؛
      5)پىسخىلىك مەسلىھەت__بىز نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىك مەسلىلەرگە دۇچ كىلىمىز، بۇنداق چاغلاردا كىمگە دىيىشىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز. ئاتا-ئانىمىزغا دەيلى دىسەك ئۇلارنى ئەنسىرىتىپ قويۇشتىن قورقىمىز، ياكى بەزىدە ئۇلارغا دىسەكمۇ ئۇلار بۇ جەھەتتە تەجىربىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالماي قالىدۇ. نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز مۇشۇ مەسلىلەر

  • بۇ يىل 2-سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىگە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلان قىلدى: تۈركلەر ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنى قوغلىۋەتتى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش كاتىپ دەرىجىسىگىچە تۆۋەنلەتتى، ھەربىي مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزدى. بۇنىڭ بىلەن شەرقى ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى دەرھاللا جىددىيلىشىپ كەتتى. ئوبامانىڭ رايون ئىستېراتېگىيىسىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىدى. ئەردوغان يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ۋاشىڭتونغا ئىزچىل بىر ئەمەلىيەتنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، يەنى ئوباما ھازىر قىيىن بولغان تاق تاللاش سوئالىغا دۇچ كەلدى: ئەنقەرە ياكى ئېرۇسالىم.

  • ھازىر ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي داۋالغۇش غەربنىڭ دېموكراتىيە ئەندىزىسى بويىچە قۇرۇلمىغان دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە «ئوتتۇرا شەرقتىكى دېموكراتىيە كۆزنىكى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر دۆلەت ئىسرائىلىيەنىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ئىسرائىلىيە كۆپ يىلدىن بۇيان ئۆز مىللىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى. ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئىسرائىلىيە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت جاپالىق تىرىشىپ قۇرغان رايون خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدىن بىراقلا چوڭ يوچۇق ئېچىۋەتتى. مىسىرلىقلار ئىران ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلدى، لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئەربابلار كازافىنىڭ ئانىسىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىدىن ھېساب ئېلىشقا باشلىدى، ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا ئىلگىرىكىدەك «يېتىم» قالغانلىقىنى بايقىدى. يېڭى ئەۋلاد ئەرەب رەھبەرلىرى ئەمدى ئىسرائىلىيەگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئەندىشىگە چۈشكەن ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇ مەسىلىگە جاۋاب ئىزدەۋاتقان بولۇپ، 

  •  

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارى ئەرەب باھارى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى زىيارىتىگە مەركەزلەشتى.

    ئەتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قاراپ يولغا چىقىدىغان باش مىنىستىر ئەردوغان، سەيشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت باراك ئوباما بىلەن كۆرىشىدۇ.

    بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئوبامانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

    تۈركىيە، ئىسرائىلىيەگە تۇتۇپ كېلىۋاتقان پوزىتسىيەسىنى روشەن شەكىلدە پىرېزىدېنت ئوباماغىمۇ يەتكۈزىدۇ.

    ئەردوغان چارشەنبە كۈنى «تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتىمەن» دېگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەنمۇ كۆرىشىدۇ. پەيشەنبە كۈنى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت – نەزىرى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە مەركەزلىشىدۇ

  • دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينايدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

    1. ئەردوغان نۇتۇق سۆزلىگەن ئوپېرا زالى ئىنسانلار بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، سۆز قىلىۋاتقان جەرياندا كىشىلەرنىڭ ئالقىشلىرى زالنى زىلزىلىگە سالدى. ئەردوغان سۆزىدە مىسىر ھەققىدە توختالدى.
      ئۇ سۆز قىلىپ، «بۇ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ جۇشقۇن دولقۇنى ئېھتىيات بىلەن كامالەتكە يەتكەن بىر تەمكىنلىككە ئايلاندۇرۇلۇشى لازىم. توغرا قەدەملەرنى تاشلاش لازىم. مانا 2011 ـ يىلى نويابىردا مىسىرنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى بەلگىلەپ چىقىسىلەر، بۇ ئىش مىسىرنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلۇشى بولۇپ قالغۇسى» دېدى.

      سۈرىيە ھۆكۈمىتىگىمۇ مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولغان ئەردوغان، «ئۆز خەلقىگە ئوق ئاتقان ۋە خەلقىنى ئۆزىدىن بەزدۈرگەن بىر ھۆكۈمەت بىلەن ھېچ كىشى نە دوست بولالمايدۇ، نە ئۇنىڭغا ئىشىنەلمەيدۇ. سۈرىيە خەلقى ئەسەدكە ئىشەنمەيدۇ، مەنمۇ ئىشەنمەيمەن، بىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى.

      سۈرىيەنىڭ مەزھىبى توقۇنۇش تەرەپكە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە«بۇنداق ئىشتىن ھەزەر ئەيلە!»دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

      ئاندىن ئىسرائىلىيەگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بەرپا بولۇشى يولىدىكى ئەڭ مۇھىم توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى. زوراۋان سىياسەتلەر بىلەن قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىق داۋاملىشىۋەرمەيدۇ. ئىسرائىلىيە ئىستىراتېگىيە جەھەتتە كۆر بولۇپ قالغان بىر ھالەتتە تۇرماقتا، شۇڭا بېرىلگەن پۇرسەتلەرنىمۇ زايە قىلىۋېتىپ بارماقتا»دېدى

  •              2011-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا «7.18»،«7.30» ئېغىر تېررورلۇق ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىغا بىرىنچى قېتىملىق ئوچۇق سوت ئاچتى. تەشكىللىك ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىق جىنايىتى، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قۇيۇش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان ئابدۇغېنى يۈسۈپ، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر ھەسەن، مەمەتنىياز تۇرسۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى، شۇنداقلا سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش؛ ئابدۇللا ئەلى، تۇراپ مەمەت قاتارلىقلارغا 19-يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 5يىل سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلدى. 
               

  • تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  turkiye باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىسىر زىيارىتى جەريانىدا تارىختىن ئورۇن ئالىدىغان سۆزلەرنى قىلدى.

    ئەردوغان، قاھىرەدىكى ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىدا پۈتۈن دۇنياغا خىتاب قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىزلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

     

  • لېي فېڭ روھىنىڭ كىلوسى نەچچە پۇل؟

    خەلق تورى(2012.03.23) ماقالىسى:
    «لېي فېڭ روھىنىڭ كىلوسى نەچچە پۇل؟»
    ---لېي فېڭ روھىنى دەۋرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرلەردىن
    «سۇبيېكتىپ مەن، ئوبيېكتىپ باشقىسى» دەيدىغان تاۋار جەمئىيىتىدە، ل...
  • ئامېرىكا ئىراقنىڭ فەللۇجە شەھرىدە ئىشلەتكەن فوسفور بومبىلىرى، ۋاكۇم بومبىلىرى ئەمدى لىۋاندا خەلىقنىڭ بېشىغا چۈشىۋاتىدۇ. فەللۇجە قىرغىنچىلىقىدا پۈتۈن دۇنيا كۆرگەن، كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن جەسەتلەر ئەمدى لىۋاندىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا، ئىراقنىڭ فەللۇجە شەھىرىنى بومبىلار بىلەن خارابىلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنى ۋە ھەتتا پۈتۈن جانلىقلارنى خىمىيەلىك قۇراللار كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. جەسەتلەرنى يۇشۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى، پۈتۈن شەھەرنى نەچچە ھەپتە قامال قىلىپ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسىنى كىسىپ تاشلاپ، خىمىيەلىك قۇراللارنىڭ ئىزىنى يۇيۇشقا تىرىشقان ئىدى. ئەينى ۋەھشىلىكنى ئەمدى لىۋاندا قىلىۋاتىدۇ. سايدا شەھىرىدە خىمىيەلىك قۇراللار بىلەن كۆيۈپ ئۆلگەن ئىنسانلارنىڭ جەسەتلىرى ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئوچۇق ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. غەلىتە بىر شەكىلدە قاپقارا بولۇپ كەتكەن جەسەتلەردە ئوق ئىزى يوق، يارا ئىزى يوق. لىۋان زۇڭلىسى نەچچە كۈندىن بېرى دۇنياغا؛ " ئىسرائىلىيە خىمىيەلىك قۇراللار ئىشلىتىۋاتىدۇ " دەپ پەريات قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئىسرائىلىيە جەنۇبى

    1. تاغدا بىر نامرات ئوتۇنچى ياشايدىكەن.ئۇ مىڭبىر جاپادا ئاران بىر ئۆي ياساپ ئۇھ دەپتۇ.

      بىر كۈنى،ئۇ تاغدىن كېسىپ كەلگەن ئوتۇنلىرىنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ لازىمەتلىك نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۇپ،گۇگۇم چۈشكەندە ئاران دېگۈدەك ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ.ئەمما ئۇنىڭ كۆرگىنى ئۇ كۆرۈشكە تەقەززا بولغان ئۆي ئەمەس،لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئۆي بوپتۇ.قۇلۇم-قوشنىلاردىن تارتىپ،چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە قانچەكۈچىگەن بولسىمۇ،ئوت ئۇلۇغ،شامال كۈچلۈك بولغاچقا ئۆچۈرەلمەي، ئۆينىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈشىگە قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالماپتۇ.

      ئوت ئۆچۈپتۇ.ئوتۇنچى قولىغا بىر كالتەكنى ئېلىۋېلىپ كۆيۈپ چۇچۇلىغا ئايلانغان قالدۇقلارنى ئۇيان-بۇيان چۆرۈپ

  • ئوسمان ئىمپېرىيىسى تولۇق يىلنامىسى 

    (1299 ~ 1923)

    1280   ئىمپېرىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان دۇنياغا كەلدى

    1299   ئوسمان سەلجۇق ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقتى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى قۇرۇلدى.

    1326   ئوسماننىڭ ئوغلى سۇلتان ئورخان غازى ...

    • Dünyaca ünlü Amerikan Foreign Policy dergisi son sayısında, bütün dünyada heyecanla beklenen “Kurtlar Vadisi Filistin” filmine yer verdi. Colum Lynch’in kaleme aldığı makalede, Polat Alemdar karakteri için “İslam dünyasının Rambosu” denildi. Filmin konusunu anlatan Lynch, “Polat Alemdar, Mavi Marmara’da yaşanan ölümlerden sorumlu olanları avlamak için İsrail’e gidiyor. Türk film yıldızı Necati Şaşmaz’ın canlandırdığı bu kahramanİsrailli yetkililere açıkça meydan okuyor” diye yazdı.
    • كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇق ‹‹شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى›› بىزدىن ناھايىتى يىراق جايدىكى ھەربىي تەشكىلات، دەپ قاراۋاتقاندا، بۇ تەشكىلات ئۇرۇش تەييارلىقى سۈپىتىدە ياساۋاتقان تاشيول ئېلىمىز چېگرىسىغا ئۈن – تىنسىز يېقىنلاشماقتا! مۇخبىر يېقىندا ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىدە زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا بۇ ئەھۋالنى بايقاپ ھەيران قالدى. بەدەخشان ئافغانىستاننىڭ ئېلىمىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان بىردىنبىر ئۆلكىسى، دۇنياغا مەشھۇر ۋاخان كارىدورى دەل مۇشۇ جايدا. ش ئا ئە ت بۇ تاشيولنى ياساپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ش ئا ئە ت 2009- يىلى ‹‹جۇڭگو يولى››نى ئېچىپ، يېقىن ئارىلىقتىن ئارقا سەپ تەمىناتىغا ئېرىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەندە، ئېلىمىز رەت قىلغانىدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئېلىمىز ھۆكۈمىتىدىن ۋاخان كارىدورىنى ئېچىشنى كۆپ قېتىم ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەزەلدىن ئېنىق جاۋابقا ئېرىشمىگەنىدى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالىمى پەن جىپىڭ 22 – ئىيۇل مۇخبىرغا: ئامېرىكىلىقلار ئىزچىل ۋاخان
    1. ئۆمەر مۇئەمىر كازافى 1942–يىلى 9–ئايدا لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فەززان قۇملۇق رايونىدىكى سۇرتتا، بېربېر قەبىلىسىگە تەۋە ئاددىي چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1961–يىلى بېنغازىدا لىۋىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان. 1963–يىلى بېنغازى ھەربىي ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1965–يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، لىۋىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ئەسكەرلىكتە تۇرغان ھەم مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1966–يىلى ئەنگىلىيە ساندىخېست خان جەمەتى ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتۇتىدا تەربىيەلەنگەن
    1. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشنى تۈركلەردىن ئايرىپ قاراش بەزى بىر تەرەپلىمە قاراشلق ئالقاپلارنىلا ئىشى خالاس ، ئۇيغۇرلار توققوز ئوغوزلاردۇر ،تۈرىكلەر ئۇنداق ئەمەس دەيدۇ .
      بىز بىلگە قاغان مەڭگۈتىشىغا نەزەر سالساقلار مۇنۇ خەتلەرنىڭ تاشقا ئويۇلغانلقنى كۆرەلەيمىز ، :« توققوز ئوغوز خەلقى ئەسلى ئۆز خەلىقىم ئىدى ،ئۇلار ئازغانلقى ئۈچۈن ياتلاشتى ......«
      مانا مۇشۇ يىتەرلىتۇر ،چۈنكى بۇ مەڭگۈ تاش كۆك تۈرىك قاغانلقى دەۋرىدە تىكلەنگەن
  • تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پەيغەمبىرىمىز ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈركىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم يادىكارلىقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان "ھىرقائي شەرىف" (يەنى، مۇبارەك يەكتىكى) 150 يىلدىن بۇيان فاتىھتىكى "ھىرقائي شەرىف جامەسىدە" ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەيسەل كارانىغا ھەدىيە قىلغان 1500 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئامانەت ئۆتكەن يىلى قايتىدىن تۈزەشتۈرۈلدى.

    ئىلگىرى قاتلانغان شەكىلدە كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مۇبارەك يەكتەك، ئەمدىلىكتە پۈتۈن ئېچىلغان شەكىلدە كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولدى.

    زىيارەتچىلەر بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ساقىلىدىن باشقا يەنە ۋەيسەل كارانى ھەزرەتلىرىنىڭ سەللىسىنىمۇ كۆرەلەيدۇ.

    "ھىرقائي شەرىف  فوندى جەمئىيىتى" تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇ كۆرگەزمە روزا ھېيت كۈنىگە قەدەر زىيارەتچىلەگە ئېچىۋىتىلىدۇ.

  • جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئاۋغۇست خەۋىرى: تۈركىيە ھۆرىيەت تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ھىلال ئاي جەمئىيىتى سومالىغا 50 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئەشياسى تەمىنلگەن. تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىككى ترانسىپورت ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدىن سومالىغا قاراپ ئۇچقان. بۇنىڭدىن سىرت، 7 كىشىلىك بىر تارماق ئەترەت سومالى پايتەختى موقدىشۇغا يېتىپ بارغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى تەقسىملەشكە ياردەملىشىدىكەن.

  • 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا ۋاقتى سائەت 8دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىغا بىر ئايروپىلاننىڭ قاتتىق سوقۇلىشى ئەتراپتىكى كىشىلەرنى پات-پاراقچىلىققا سالدى. بۇ كۈنكى كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەممۇ پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. تېرورچىلارنىڭ بۇلىشىغا ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ سوقۇلىشى بىلەن، 100 قەۋەتتىن ئېگىز ئىككى بىنا بىر سائەت ئىچىدە گۆمۈرۈلۈپ چۈشتى. ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە 30 يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قوشكېزەك بىنا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە خارابىلىككە ئايلاندى. بىراق ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىگەندەك قىلاتتى. شۇ كۈنى سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنامۇ بىر ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. سائەت 10 بولغاندا، پېنسىلۋانىيە شىتاتىدا پېتىسبۇرگنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىغا 130 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى. بىر يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 19 تېرورچى ئامېرىكىنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيىسى


  • ئىزاھات:
    بۇنىڭدىن ئۈچ يىل مۇقەددەم ئوباما نۇتۇقلىرى ياشلىرىمىزغا نۇرغۇن نەرسلەرنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى، بۈگۇن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان تۈرك سايلىمى بىزگە يەنە ئۆزىمىزنىڭكىدەك يىقىن، ئنسانپەرۋەلىك، دىموكراتىيە ۋە ئسلامى روھنىڭ جۇلاسى سۈپىتىدە نامايان بولماقتا. تۈركىيە سايلىمى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيتى كەسكىنلەشكەن، تۈركىيەنىڭ سىياسى يۆنىلىشى –ئوتتۇرا شەرق، ياۋرو-ئاسيا رايونىغا بىۋاستە تەسر كۆرستىدىغان، تۈركىيە ئېقتسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، دۇنيا سياسىيسغا ئالدىنقى قاتاردا تەسر كۆرسىتىدىغان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر خەلقىگە ئەڭ يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسدا ئۇيغۇرلارنى كۆۋرۈك قىلىش ۋە ‹‹تارىخ قەيەردىن ئۈزۈلگەن بولسا، شۇ يەردىن باشلاش ››سىتراتىگىيسى بويىچە ئش ئىلىپ بىرىۋاتقان تۈركىيەگە سەگەك ئۇيغۇر كۆزەتمەنلەر ئەلۋەتت

  • مۇنبەرگە كىرىپ تۇرشۇمغا بىرتىمىغا كۆزۇم چۇشۇپ قالدى،ئوقۇسام بىزگە يات بولغان چەتئەل ناخشا مۇزىكىلىرى ئىكەن،ئىچىم سەل ئاچچىق بولۇپ كۆڭلۇمدىكى گەپلەرنى ئازراق بولسىمۇ دىگىم كىلىپ قالدى.  
    قاراپ تۇرۇپ مۇنبەردە بۇنى تەشۋىق قىلىغىلى تۇرۇپتىدە توۋا دىسە...  
    يولدا كىتىۋاتقىچە ئىغى ساڭگىلاپ تىزىغا كىلىپ قالغان،شەپكىسى چاقپىلەككە ئوخشاش ھەرخىل رەڭدە ياراشمىسىمۇ كىيىۋالغان،چاچلىرى بىلەن ئايىغىنىغۇ تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ......مۇشۇنداق بالىلارنى ئۇچۇرتىپ قالىمىز،بىرنەرسىلەرنى دىگىمىز كىلىپ قالىدۇيۇ كارىمىز يوق كىتىپ قالىمىز.  
    باھاسىنىڭ قىممەتلىگى تىخى ئۇ كىيىملەرنىڭ

  • بالىڭىزغا ئىسىم تاللىۋېلىڭ

    [b]ﺋﺎﺩﻩﻡ[/b] : ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    [b]ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ [/b]: ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    [b]ﺋﻪﺟﯟﻩﺩ [/b]: ﺳﯧﺨﻰ، ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺋﯘﻟﯘﻍ.
    [b]ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ[/b] : ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
    [b]ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ [/b]: ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ.
    [b]ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ[/b] : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
    [b]ﺋﻪﺩﮬﻪﻡ[/b] : ﻗﺎﺭﺍ، ﺋﯩﺸﻜﻪﻝ.
    [b]ﺋﻪﺩﯨﺐ[/b] : ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﻪﺩﻩﭖ- ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ.
    [b]ﺋﯩﺮﺷﺎﺩ[/b] : ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻙ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻕ.
    [b]ﺋﯘﺳﺎﻣﻪ[/b] : ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ.
    [b]ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ[/b] : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﻛﯜﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    [b]ﺋﻪﺳﻪﺩ[/b] : ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
    [b]ﺋﯩﺴﻼﻡ[/b] : ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﻕ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻙ.
    [b]ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ[/b] : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    [b]ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ[/b] : ﻛﻪﻟﻤﻪﻙ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻕ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﻕ، ﺑﻪﺧﺖ، ﺭﺍﯞﺍﺝ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ.
    [b]ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ[/b] : ﻣﻪﺭﺩ، ﺳﯧﺨﻰ.
    [b]ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ[/b] : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ

  • بالىلارغا

    ئەزىز نەسىن
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك

    شۇنداق يىغلىسام،شۇنداق يىغلىسامكى بالىلار،
    سىلەرگە ھىچقانداق كۆز يېشى قالمىسا.

    Çocuklarımıza   (Aziz Nesin)

    Öyle ağlasam, öyle ağlasam ki çocuklar
    Size hiç gözyaşı kalmasa

  • 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ زادى كىمنىڭ نىمە مەقسەت بىلەن قىلغانلىقى ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ دىيىشىچە پۈتۈن جاۋاپكارلىق ئەل-قائىدە ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان بېن لادىندا. ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن ئىككى ئۇرۇشنى قوزغىدى. كىشىلىك ھوقوقلار دەپسەندە قىلىندى، تىرلىيونلىغان دوللارلار خەجلەندى. ئەمدى ئىران تەھدىت قىلىنىۋاتىدۇ، ئارقىسىدىن سۇرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ... باھانە نىمە زادى؟ ھىچقانداق بىر دۆلەت ياكى تەشكىلات بۇ ۋەقەنى يېقىندىن تەكشۇرەلمىدى. سەۋەبى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۇتۇن يىپ ئۇچى ۋە دەلىللەر قولىدا بولغان ئامېرىكا ئامىيەسى ۋە CIA, FBI بۇ دەلىللەرنى << مۇتلەق مەخپى >> دىگەن تامغا بىلەن پىچەتلەپ ئامبارغا تىقىۋەتتى ۋە بۇلارنى تەكشۇرۇش قەتئى مەنئى قىلىندى. مەسىلەن بۇ دەلىللەرنىڭ بەزىلىرى بۇلار: بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلغان Boing AA77 ئايرۇپىلانى، سوقۇلغان 4 ئايرۇپىلاننىڭ ھەربى رادار ئىچىدىكى ئۇچۇش لىنىيەسى ۋە ئايرۇپىلاننى قاچۇرغان 19 ئەرەپنىڭ سالاھىيەتلىرىنىڭ قانداق تېپىلغانلىقى... ( CIA - Central Intelligence Agency - مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى. ) ( FBI - Federal Bureau Investigation - قوشما شىتات تەكشۇرۇش ئىدارىسى ) نۇرغۇنلىغان تەكشۇرگۇچىلەر بۇ ۋەقەنىڭ << رەسمىي دوكلادى >> غا قارشى چىقتى. يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر ئويۇن بارلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ۋەقە يۇز بەرگەن بىرىنجى كۇنى قولىغا چۇشكەن، ئامېرىكا ھۆكۇمىتى تېخى يىغىۋېلىشقا ئۇلگۇرەلمىگەن دەلىللەر بىلەن، بۇ ئىشنىڭ ئارقىدا ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ياكى MOSSAD نىڭ بارلىقنى ئىسپاتلاشقا تىرىشت  
    بىز بۇگۇن بۇلارنىڭ بەزىسىگە قاراپ باقايلى. ( MOSSAD - ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋە ئالاھىدە ھەرىكەتلەر تەشكىلاتى نىڭ قىسقارتىلىشى. بۇ تەشكىلات دۇنيانىڭ ئەڭ يامان 5 جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىرى. بۇ 5

  • http://antalyadaulkucuhareket.files.wordpress.com/2009/03/turkler.jpg?w=400&h=327

    ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى ئوسمان تۈركلىرى ئەسلىدە كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوراسان ئەتراپىدا ياشايدىغان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كېيىن غەربكە كۆچۈپ ، كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنغان. ئۇلارنىڭ ئاتامانى ئەر توغرول رۇم سۇلتانلىقى بەرگەن ئانچە چوڭ بولمىغان ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى زېمىنى بىلەن چېگىرلىنىدىغان بىر پارچە سۇيۇرغال يەرگە ئىگە بولغان . ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىل(تەخمىنەن 1282‏-‏-‏- 1326 يىللىرى)دە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، زېمىننى كېڭەيتىپ 1326- يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيسىنىڭ بۇرسا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، پايتەخىت قىلغان . ئوسمان تۈركلىرى تېز قۇدىرەت تاپقان . 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئوسمان تۈركلىرى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلاپ ، 1362- يىلى ئادرىئانوپۇل(تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە دەپ ئاتىغان)نى ئىگىلەپ ، پايتەخىتنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرگەن . ئارقىدىن فراكىينىڭ شەرقىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان. 1389- يىلى كوسوۋودا بالقاندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېربىينى بويسۇندۇرغان. تۆت يىلدىن كېيىن بولغارىينى بويسۇندۇرغان. 1396-يىلى نىكوپولدا ياۋرۇپا بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بالقاندىكى كۆپ قىسىم زېمىننى ئىگىلىگەن . 15- ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوسمان تۈرۈك ئارمىيسى شەرقىي رىم ئىمپىرىيسىگە ھۇجۇم قىلغان ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەخىتى كونستانتىنوپولغا ھۇجۇم قوزغىغان . ئۈچ ئەتراپنى دېڭىز ئوراپ تۇردىغان كونستانتىنوپولنىڭ قاتنىشى قولايلىق ، يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپ، 4- ئەسردىن5- ئەسرىگىچە رىم ئىمپېراتورلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا

  • http://yazete.com/http://www.elanso.comhttp://www.turkcebilgi.comzoosk.comwww.hi5.comhttp://www.yenibiris.com/http://www.simplyislam.com


  • ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي قورال - ياراق، مەشق ۋە ھەربىي تەشكىلىي تۈزۈمى ھۇن ۋە تۈركلەرنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇلارنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا، ئۆزىگە خاس بولغان بەزى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇللىرىنى ياراتقان ئىدى. ئۇيغۇرلار جەڭدە ئاساسلىقى ئاتلىق قوشۇن ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئاتلىق قوشۇننىڭ جەڭدىكى مۇھىم رولىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۈشمەننىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرىنى تولۇق يوقىتىشقا تىرىشاتتى. بىزنىڭ بۇ سۆزىمىزگە بىلگە قاغاننىڭ « بىرىنچى كۈنى تابغاچنىڭ 17 مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى يوقاتتىم، ئىككىنچى كۈنى پىيادە ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم »① دېگەن سۆزلىرى دەلىل بولالايدۇ. ئاتلىق قوشۇن ھەرىكەتچان ۋە جەڭگىۋار بولغاچقا، ئۇلار ئاتلىق قوشۇننىڭ يۇقىرىقى ئارتۇقچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئۇلار جەڭ قىلغاندا، كىچىك ئەترەتلەرگە بۆلۈنۈپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى ساراسىمىگە سېلىۋېتەتتى ۋە ئارقىدىنلا چوڭ قوشۇن باستۇرۇپ كېلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى قوغلاپ يوقىتاتتى.

  •   
    2008-يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى
     
    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
     
    ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن يۈز مىڭلارچە جامائەتكە:
    "ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك"  دېگەن مەزمۇندا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى:
    ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار. تەقۋادار بولۇڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
    ئىسلام ئۈممىتى دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئورۇن ۋە مەرتىۋىگە ئىگە ئۈممەت. تارىختىن بىرى ئىسلام دىنى دۇنيانىڭ بارلىق مەدەنىيەت ۋە ھەزارەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ئىنسانىيەتنى يۈكسەك مەدەنىيەتكە يېتەكلىگەن مۇقەددەس بىر مەدەنىيەتكە ئىگە دىندۇر.
    يېقىنقى زامانلاردا ئۈممەت بېشىغا كېلىشمەسلىك، مۇسىيبەتلەر ئارقىمۇ ئارقا كېلىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىپ خىرىس قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئەپسۇسكى مۇقەددەس دىنىمىز ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلار ئەجنەبىيلەر بولغاندىن سىرت ئۆزىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدا ساناپ، مۇسۇلمانچە ئات قويۇپ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلاردىندۇر.
    ئىسلام ئۈممىتىنى بۇنداق بىر خار-زەبۇنلىققا ئېلىپ بېرىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىقى شۇكى، ئۈممەت ھازىرغا قەدەر ئۆزىگە بىر يۈكسىلىش، تەرەققىي قىلىش پىلان لايىھىسى تۈزگىنى يوق. ئىسلام ئۈممىتى ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا بىر تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش پىلانى تۈزۈپ ئۇمۇمىي بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تولىمۇ مۇھتاج. شۇنداق بولغاندا ئۈممەت ئۆزىنىڭ قەددىنى رۇسلاپ، دۇنيا مىللەتلىرى ئالدىدا ئىگىلىك تىكلىگەن بولاتتى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى باشقا دىن ۋە مىللەتلەردە يوق ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى، تەپەككۇرى،مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئاساسى مۇستەھكەملىكتە تەڭداشسىز بىر ئۈممەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
      

  • ئاللاھنى سۆيۈش

    ھەقىقىي مۆمىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە جامالىنى ئىدراك قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمەت ـ ئېھسانلىرىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز نېمەتلەر بېرىپ تۇرغان زاتنىڭ ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىلىدۇ. ئاندىن ئۇ بۇ بىلىش ۋە ئىدراك تەسىرىدە ئاللاھ تائالانى سۆيىدۇ. قەلبى ئاللاھ بىلەن مەشغۇل، ئىش ـ ھەرىكىتى ئاللاھقا يۈزلىنىش بولىدۇ. ئاللاھ تالاغا تائەت ـ ئىبادەت قىلىش بىلەن لەززەت ئالدىغان، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىپ قالسا ئازابلىنىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھ يولىدا كەلگەن ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن بەرداشلىق بېرىدۇ.
    ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانى سۆيۈشى ھەقىقىي ئىماندۇر. ئىمان پەقەتلا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا 

  • چاغاتاي دەۋرىدىكى بۇيۇك ئۇيغۇرلار

    چىڭگىزھان ئىستەلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزھاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (1179 - 1242 - يىللار) ئوزىگە تەقسىم قىلىنغان زەمىنغا ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ھوكۇمرانلىق قىلغان ئاشۇ دەۋرنى تارىھچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي دەۋرى" دەپ ئاتىدى.

    چاغاتاينىڭ پايتەھتى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پەداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 - 1128 - يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوھتۇرى، تالانتلىق ما'ئارىپچى ۋە يەزا ئىگىلىك ئىنزجەنەرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى.

    ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كورسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ما'ئارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن گۇللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇھارا ۋە قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم - پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - ما'ئارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۇردى

  • ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ شېھىد قىلىنغانلىقىغا 55 يىل بولدى

    ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان داموللام، 1906 ـ يىلى (1912- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان دېگەن قاراش توغرا ئەمەستەك تۇرىدۇ) بۈگۈر ناھىيىسىڭ يېڭىسار كەنتىدە ئاشۇر داموللا ھاجىم دېگەن دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئاتىسى ئاشۇر داموللام يېتىشكەن دىنى ئالىم بولۇپ، ئەينى زاماندا بۈگۈرنىڭ قازىسى ئىدى. چىڭگىزخان داموللام باشلانغۇچ دىنى ساۋادىنى ئالدى بىلەن بۈگۈردە ئاتىسىدىن ئالغاندىن كېيىن، كۇچاردا بىرمەزگىل ئوقۇغان.چىڭگىزخان داموللام كوچاردىكى ئىلىمگە قانائەت قىلماي مول ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ھىندىستاندا، بولۇپمۇ مىسىرغا بېرىپ ئەزھەردە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئاتىسى ئاشۇر داموللامنىڭ ماقللۇقىنى ئېلىپ، ئىلىم يولىدا ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ كاشغەرگە كېلىپ، كاشغەر خانلىق مەدرىسىدە بىر مەزگىل ئوقۇيدۇ ۋە كاشغەرنىڭ داڭلىق ئۆلىمالىرى بىلەن تونۇشىدۇ. 1925 ـ يىلى ھىندىستانغا كېلىپ ئاسىيا بويىچە ئەڭ داڭلىق مەدرىسە -دىيۇبەند مەدرىسىسىدە بىر يېرىم يىل ئوقۇيدۇ

  • ئىستىقلال مارشى
    مەھمەت ئاكىف ئەرسوي
    1923-يىلى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى قىلىپ بېكىتىلگەن
    KORKMA SÖNMEZ BU ŞAFAKLARDA YÜZEN AL SANCAK
    SÖNMEDEN YURDUMUN ÜSTÜNDE TÜTEN EN SON OCAK
    O BENIM MILLETIMIN YILDIZIDIR PARLAYACAK
    O BENIMDIR O BENIM MILLITIMINDIR ANCAK

    قورقما، ئۆچمەس شەپەقلەردە ئۈزگەن بۇ ئال بايراق،
    ئۆچمەستىن يۇرتۇمنىڭ ئۈستىدە كۆيگەن ئاخىرقى ئوچاق.
    بۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭ يۇلتۇزىدۇر، پارلار شۇنداق،
    بۇ مىنىڭدۇر، بۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭدۇر ئانداق....

  • Remember The Milk for iPhone and iPod touch

    يانفۇن ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغىلى بولىدىكەن ئەلۋەتتە يانفۇنغا قارىتا ھۇجۇم قىلىشقىمۇ بولىدۇ،شۇڭا نەچچە كۈن ئىلگىرى ئەۋەتكەن تېمىغا ئۇلاپلا بۈگۈن يانفۇنغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن،يانفۇنغا ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇللىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن،لېكىن ھەممىسى يىغىنچاقلىنىپ 3 ئاساسى تۈرگە بۆلىنىدۇ،بىرىنجىسى: يانفۇن يۈزىنىڭ (    手机平台   ) ھۇجۇمغا ئۇچرىشى،ئىككىنجىسى بولسا يانفۇن ئىقتىدارغا  ھۇجۇم قىلىش ،ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا يانفۇننىڭ بەزى كەمچىللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىش،مەن مۇشۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلنى بىردىنبىر سۆزلەپ ئۆتىمەن،ئەلۋەتتە ھەممىسىنى ئۆزۇم سىناق قىلىپ باققان ئەگەر يېتەرسىز جايلىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ يېتەكلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن: 8U

  • ياسېر ئەرافات تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇرائۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئوزىنىڭ،ئابدۇرائۇف دادىسىنىڭ،ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئارافات 1929-يىلى8-ئاينىڭ 24-كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كوچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا(قاھىرە ئۇنىۋىرسىتىتى)1948-يىلى ئەرەپ-ئىسرائىل ئۇرۇشىغا،1949-يىلى گاززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. 1952-1956-يىللىرى ئارسىدا ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.ياسەر" ئىسمىنى بۇ يىللاردا

  • نيويورك ۋاقتى گېزىتى بۈگۈن مايكول باكلەينىڭ Youtube قا سىن يوللاپ مىليون دوللار تاپقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. Youtube بىلەن Adsense ھىسابىڭىزنى ئۇلاپ قويسىڭىز، سىزنىڭ سىنلىرىڭىزنىڭ يېنىدا ئېلان كۆرۈنىدۇ ۋە چېكىلگەن ئېلان كىرىمى سىزنىڭ بولىدۇ. مايكول باكلېي Youtube مۇشۇ مۇلازىمەتنى چىقارغان (Google تەرىپىدىن   

  • ھەقسىز 1Gb لىق بوشلۇق ئىلتىماس قىلىۋىلىڭ
     
    ئەگەر سىز ئۇيغۇرچە تور بىكەت قۇرماقچى بولسىڭىز Thec  بوشلۇقنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، Thec بۇ بوشلۇق يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ماس كىلىدۇ ، تور بىكەت ، مۇنبەرلەرنى ۋە بلوگ سىستىمىلىرىنى قويالايسىز ، بۇ بوشلۇق tofor ھەقسىز بوشلىقىغا ئوخشاش 1 يىلدىلا ۋاقتى توشۇپ قالمايدۇ ، بۇ بوشلۇق سىناشتىن ئۆتكەن ، قالايمىقان ھۆكۈمەت چەكلەيدىغان ھۆججەتلەرنى يوللاپ قويمىسىڭىزلا خالىغانچە توختۇتۇپ قويمايدۇ ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلىتەلەيسىز . بىراق رەسمىي يوسۇندا تور بەت چىقىرىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ھەقلىق بوشلۇق ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . بوشلۇق ئورنىدا ئىشلىتىپ ھەرخىل يۇمشاق دىتال ، رەسىم ھۆججەتلىرى ، فىلىم قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ . Thec تور بىكىتى بوشلۇق

  • KGBنىڭ"ئۇيغۇر"جاسۇسلىرى 

    ھەممە ئارتىستكىلارنىڭ رازۋېتچىك بولۇپ چىقىشى مۈمكىن ئەمەس، لېكىن رازۋېتچىكلاردا چوقۇم

    ئارتىستلىق قابىلىيەت بولىشى كېرەك، ئىرىنا ئالىموۋا( بىبىئىران كەرىموۋىچ ئالىموۋا، ئىرىنا ئۇنىرۇسچە ئىسمى)نىڭ تەقدىرىگە مانا مۇشۇنداق قىسمەتلەر پۈتۈلگەن، ئۇ توكيودا 13يىل (1947-1960) سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخپارات ئورگانلىرى ئۈچۈن مەخپى ئالاھىدە خىزمەتتە بولغان ۋە پەقەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىلا بۇ سىرلار يورۇقلۇققا چىققان ئىدى.
    :   تېخى 16يېشىدىلا  "تۈركمەن فىلىم" دا ئىشلەنگەن مەشھۇر كىنو "ئۇمبار" دا باش رولچى بولغان، تۈركمەنستانلىق داڭلىق زىبۇ-زىننەت ئۇستىسىنىڭ قىزى گۈزەل ئۆزىنىڭ چولپانلىق ھاياتىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن باشلىغان ئىدى

  • Mossad نىڭ مەخپى تارىخى

    دۇنيا ئۇرشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، خەلىقئارا سىياسى سەھنىدە مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىك شەكىللەندى.بىرسى ئامىرىكا-سوۋىت ئىتتىپاقى باش رول ئالغان شەرىق ۋە غەرىبنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرشى.يەنە بىرسى ئوتتۇرا-شەرىقتىكى، ئەرەب-ئىسرائىليە توقۇنۇشى.سوغۇق مۇناۋىسەتلەر ئۇرشىنىڭ قاپلىنىش داىرسى كەڭرى، تەسىرى چوڭدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە خەلىقئاراغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكىنى، يەنىلا ئەرەب-ئىسرائىليە توقۇنۇشى بولۇپ ،ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق توقۇنۇش ۋە بىر نەچچە قىتىملىق ئۇرۇشقا سەۋەپ بولغان ئەرەب-ئىسرائىليە توقۇنۇشى، ھازىرغىچە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قانلىق يارىسى سۈپۈتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.1948-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىسرائىليەنىڭ دۆۋلەت قۇرۇشى بىلەن باشلانغان ،يىرىم ئەسىرگە يىقىن داۋاملاشقان بۇ توقۇنۇش ،دۇنيا سىياسى ۋەزىيتىنىڭ مەركىزى نوختىسى دەپ قارالماقتا

قېتىم زىيارەت قىلىندى
كۆرىۋاتقانلار: نەپەر

:

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق